ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە‹‹12–بەش يىل››نەتىجىلىك باشلاندى ، 1–پەسىلدە ئىقتىساد تېز جانلاندى

2011-يىلى04-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    غەيرەت ئۆمەر خەۋىرى : ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ‹‹ 11 – بەش يىل ›› دا ئېرىشكەن زور نەتىجىلىرى ‹‹12 – بەش يىل ›› نىڭ ياخشى باشلىۋېلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 1 – پەسىلدە ۋىلايەت بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 226 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %15.43 ئاشتى. شۇنداقلا ئۇ ئاقسۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخىدىكى تۇنجى پەسلىدە يارىتىلغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى نامايان قىلدى.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ‹‹ئىككىنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇش›› تەلىپى بويىچە ھالقىما تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلەتتى. خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يىل بېشىدىلا تېز، سىجىل يۈكسىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئايدا 1 – كەسىپكە 130 مىليون 850 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.78، 2 – كەسىپكە 977 مىليون 650 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، %16.49، 3 – كەسىپكە 798 مىليون 970 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، %21.31 ئاشۇردى. يەرلىك ماليەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمىنى 1 مىليارد 355 مىليون 210 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %54.95 كۆپەيتتى. خەلق تۇرمۇشىنى مەركەز قىلغان يەرلىك مالىيە چىقىمىنى 1 مىليارد 552 مىليون 330 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %9.1 ئاشۇردى. مۇشۇ مەزگىلدە ۋىلايەت بويىچە يارىتىلغان دۆلەت باج كىرىمى 2 مىليارد 522 مىليون 190 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.67 كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى نېفىتلىك بېجى 1 مىليارد 587 مىليون 640 مىڭ يۈەن ئورۇندىلىپ، ئومۇمىي دۆلەت بېجىنىڭ %62.95 ىنى ئىگىلىدى. يىغىۋېلىنغان يەرلىك باج 1 مىليارد 289 مىليون 890 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بىراقلا %85.92 ئاشتى. ئىقتىسادنىڭ تېز جانلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تۈرلۈك ئامانەت قالدۇقى 61 مىليارد 473 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 3 مىليارد 78 مىليون يۈەن كۆپەيدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!