ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى: شىنجاڭ مېيىپلار بىرلەشمىسى بىلەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مېيىپلار كەسپىي تېخنىكا مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 26 ــ ئاپرېل ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى . باشلىنىش مۇراسىمىغاشىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ،كېڭەش باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مېيىپلار كەسپىي تېخىىكا مۇسابىقىسى مۇسابىقە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جۈن ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ماھىرلار ۋە رىپېرلار قاتناشتى .
باشلىنىش مۇراسىمىدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹ بىز بۈگۈن بۇ يەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مېيىپلار كەسپىي تېخنىكا مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدۇق . بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېيىپلار خىزمىتىدىكى مۇھىم تۈرلىرىنىڭ بىرى . مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مېيىپلارنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ، قوللاپ كەلدى ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قوللايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ›› .