ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئىتالىيە لىۋىيەدىكى نىشانلارنى بىۋاستە بومباردىمان قىلىشنى قارار قىلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   

    شىنخۇا تورى رىم 25 - ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئىتالىيە زۇڭلىسى بېرلۇسكونىي 25 - ئاپرېل ئىتالىيەنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە چوڭراق تۆھپە كۆرسىتىش مەقسىتىدە ، لىۋىيەدىكى ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

    بېرلۇسكونىي شۇ كۈنى ئوباما بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن ھەمدە ئوباماغا ئىتالىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ ، لىۋىيەدىكى ئالاھىدە رايونلارغا قاراتمىلىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .ئۇ يەنە شۇ كۈنى كەچتە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ۋە ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى رامۇسېنلارغا تېلېفون قىلىپ ، ئىتالىيە تەرەپنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىنى يەتكۈزگەن .

    ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىتالىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ئالاھىدە نىشانلارغا يۇقىرى ئۆلچەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش -يارىلىنىشىدىن ساقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

    كۆپ دۆلەت ھەربىي قىسمى لىۋىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قوللانغاندىن بۇيان ، ئىتالىيە بىرلەشمە ئارمىيەنى يەتتە ھەربىي بازا بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، بىراق ئىتالىيە تەرەپ ئۆز كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىگە بىۋاستە قاتناشمايدىغانلىقى توغرىسىدا چىڭ تۇرغان . بېرلۇسكونىي ئىلگىرى ئىتالىيە تەرەپنىڭ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە لىۋىيەلىكلەرگە قاراتقان مۇستەملىكە تارىخىنى ئويلىشىپ ، لىۋىيەنى بىۋاستە بومباردىمان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .  

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!