ئەخەت ئېلاخۇن خەۋىرى : غۇلجا ئىككىنچى دەرىجىلىك تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىسكىلاتىدىن دولاتا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە توشۇلغان مېۋە – چىۋە، كۆكتات قاتارلىقلار 5000 توننىدىن كۆپرەككە يەتتى.
ئۇقۇشىمچە، غۇلجا پويىز ئىستانسىسى رايونىغا جايلاشقان غۇلجا ئىككىنچى دەرىجىلىك تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان بۇ ئىسكىلات ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقى بويىچە قۇرۇلغان بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ تەكشۈرۈش، چېگرادىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بىرلا قېتىمدا بېجىرەلەيدىكەن. تاموژنا، كارانتىن ۋە تاشقى تىرانسپورتقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ يىلنىڭ بېشىدا غۇلجا چېگرا ئېغىزى ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسىغا كۆچۈپ كىرگەن. بۇ ئوبوروت سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلى ۋادىسىنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە قىلىپلا قالماي، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكىسپورت يولىنى راۋانلاشتۇرغان.