جۇڭگو ئاخبارات تورى 25 - ئاپرېل تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 26 - ئاپرېل ئۇكرائىنادىكى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىدا رادىياتسىيە چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى 26 - ئاپرېل چېرنوبىلدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ئۇ يەنە 25 - ئاپرېل كرېمل سارىيىدا ئېچىلغان يىغىندا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئۇكرائىنانىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئەينى يىلدىكى تازىلاش ۋە رەتلەشكە قاتناشقان خادىملار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مېدۋېدىۋ مۇنداق دېگەن : ئەينى چاغدىكى چېرنوبىل رادىياتسىيە چىقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولدى، ياپونىيە بۇ قېتىمقى ئېغىر يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن كېلىپ چىققان رادىياتسىيە چىقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن كۆپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك . دۇنيا ــ ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپنى يوشۇرۇپ ، ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ، ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇشتەك يامان ئاقىۋەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ .
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مۇسكىۋا چېرنوبىل رادىياتسىيە چىقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرىدىكەن.