ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

توگودا ئارمىيە - خەلق نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 51 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   شىنخۇا تورى لومې 27 -ئاپرېل تېلېگراممىسى : 27–ئاپرېل ، توگو پايتەختى لومېدا ئارمىيە–خەلق نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، دۆلەت مۇستەقىللىقى جاكارلانغانلىقىنىڭ 51 يىللىقىنى تەبرىكلىدى .

   توگو زۇڭتۇڭى فورې قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ، توگودا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ، توگودىكى ھەر ساھە ئامما بولۇپ 10 مىڭغا يېقىن ئادەم نامايىشقا قاتناشتى .

    توگودىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە ‹‹ ئۆزگەرتىش كۈچى بىرلەشمىسى ›› نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ  ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيۇشتۇرغان مۇستەقىللىق بايرىمى پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم قاتناشتى . ئىگىلىنىشىچە ،بۇ پارتىيە ئۆتكەن يىلى 4–مارت ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىن فورې تەشكىللىگەن يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە قوشۇلغان .

    توگو 1960–يىلى 27–ئاپرېل مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولۇپ ، نامى توگو جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتىلگەن .

 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!