ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قۇمۇلدا سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى خاتىرجەم ئوقۇماقتا

2011-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    يۇنۇس سادىق خەۋىرى : بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، قۇمۇلدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر باشقا مەكتەپتىن يۆتكىلىپ كەلگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ %90تىن كۆپرەكى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى.

    ھازىر قۇمۇل شەھىرى بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 39 مىڭدىن ئاشىدۇ. قۇمۇلغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئومۇمىي ئوقۇغۇچىنىڭ %20ىنى ئىگىلەيدۇ. ئىلگىرى سىرتتىن قۇمۇلغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى قۇمۇل شەھىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇماقچى بولسا، نوپۇس دەپتىرى، ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىسپاتى، ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇش توختامنامىسى، تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىسپات قەغىزى، ئەمگەك توختامنامىسى، مەكتەپتىن يۆتكىلىش ئىسپات قەغىزىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ تولۇق بولۇشى تەلەپ قىلىناتتى. بۇ يىلدىن باشلاپ يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر نوپۇس دەپتىرى ياكى ھازىرقى ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلسىلا، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل شەھىرىدە بۇ يىل سىرتتىن كەلگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەمچىنىڭ 8000 دىن ئارتۇق پەرزەنتى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خاتىرجەم ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!