ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئوباما لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنى 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قورال - ياراقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 26-ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 26-ئاپرېل لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنى 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قورال–ياراقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى تەستىقلىغان .

    ئوبامانىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كېلىنتون بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىسقا بەرگەن بىر پارچە دوكلاتىدا ، بۇ لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ›› غا ئوخشاش ‹‹ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ھەمراھلىرى ›› غا ماددىي بۇيۇم ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق قورال-ياراقسىز ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇ ياردەم فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق تارماقلىرىدىن ئېلىنسا بولىدۇ ، دېيىلگەن .

    ھىلارى كېلىنتون ئالدىنقى ھەپتە ئوباماغا لىۋىيەگە ياردەم بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ ، ئامېرىكا ئەمەلدارى ياردەم قىلىنىدىغان بۇيۇملارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ، ئوق ئۆتمەس كىيىم ، سىمسىز ئالاقە ئەسلىھەلىرى ۋە يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

    ئوباما ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانىنى لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى تەستىقلىدى .ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە ھەربىي مەسلىھەتچى ئەۋەتىپ لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ، ئىتالىيە لىۋىيەدىكى ھەربىي نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . جامائەتچىلىك بۇنى غەرب دۆلەتلىرى تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ ، لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ھالىتىنى بۇزۇۋېتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ ، دەپ قارىدى . 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!