24–ئاپرېل كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ بەشىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى . نەتىجىدە ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى 104 كە قارشى 110 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتى .
مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن كوماندا جەمئىي يەتتە قېتىم ئۇچرىشىدىغان بولۇپ ، يەتتە قېتىم ئۇچرىشىشنىڭ تۆت قېتىمىدا ئۇتقان كوماندا بۇ يىللىق جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ (CBA) چېمپىيونى بولىدۇ . نۆۋەتتە ، ئىككى كوماندا بەش قېتىم ئۇچرىشىپ ، ئومۇمىي نومۇردا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى 3 دە 2 نەتىجە بىلەن ئالدىدا تۇرماقتا . شۇنداق بولغاندا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى يەنە بىر مەيدان ئۇتسىلا چېمپىيون بولىدۇ . گەرچە شىنجاڭ كوماندىسى ھازىر پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ ، كېلەركى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭ كوماندىسىغا يەنىلا ئاكتىپ شارائىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ قالغان ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىسى 27–ئاپرېل ۋە 29–ئاپرېل ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .