ئاپرېل كىرگەندىن بۇيان، بۇ ناھىيە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، ھېكايە ئېيتىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىش ئەترىتىدىن 13ى، كىلاسسىك ئەسەر ئوقۇش گۇرۇپپىسىدىن22 ى، ھېكايە ئېيتىش گۇرۇپپىسىدىن 18ى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىش ئەترەتلىرى قاتناشتى.
مۇسابىقە ئاخىرىدا، 1-دەرىجىلىكتىن 3-دەرىجىلىككىچە ئېرىشكەن 18 ئەترەت(گۇرۇپپا)، 36 نەپەر ماھىر ۋە ئۈچ نەپەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتلاندى.