ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

چەرچەندە ‹‹1–ماي ›› ۋە ‹‹4–ماي››نى خاتىرىلەش تەنتەربىيە مۇسابىقىسى باشلاندى

2011-يىلى04-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئابدۇللا خەۋىرى ، فوتوسى : 20–فېۋرال چۈشتىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەسىدە ‹‹1–ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە ‹‹ 4–ماي›› ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹ سۈپەتلىك ئۇرۇق لوڭقىسى ›› نى تالىشىش ۋاسكېتبول ، ئارقان تارتىشىش ، تىكتاك توپ ، قۇملۇق ۋالىبول مۇسابىقىسى باشلاندى .بۇ مۇسابىقىنى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى ، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ، ناھىيەلىك ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى ، ناھىيەلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە ئىدارىسى ، مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن بولۇپ ، مۇسابىقىگە 17 كوماندا قاتناشقان .   

    ئىگىلىنىشىچە ، ناھىيەلىك سۈپەتلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى دۆلەتنىڭ ئومۇمى خەلق تەن ساغلاملىق پىلانىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللاش يۈزسىدىن مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتلاش چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان . مۇسابىقە 1–ماي ئاخىرلىشىدىكەن .

ئېچىلىش مۇراسىمى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!