ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ‹‹ ئوۋچى ›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن رازۋېتكا ئايروپىلانىنىڭ لىۋىيەدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەستىقلىدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
        شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 21-ئاپرېل تېلېگراممىسى : 21-ئاپرېل ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس : زۇڭتۇڭ ئوباما ئاللىقاچان ‹‹ ئوۋچى ›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانىنىڭ لىۋىيەدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىشىنى تەستىقلىدى . بەش بۇرجەكلىك بىنامۇ بۇنى لىۋىيەگە ئۈنۈملۈك ، توغرا زەربە بېرەلەيدۇ دەپ قارىدى ، دېدى .

    گايتىس شۇ كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ، ئوباما بۇ قارارنى شۇ يەرنىڭ ‹‹ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ›› نى ئويلاشقان ئاساستا چىقارغانلىقىنى ، بۇ رازۋېتكا ئايروپىلانىنىڭ ئىلگىرى ئۇرۇشقا قاتناشقان كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى .

    گايتىس بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى جامىس . كاترايت  : بىز تىلغا ئالغان ‹‹ ئوۋچى ›› لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرەلەيدۇ . بۇ خىل ئايروپىلان تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ ، دۈشمەن ئەھۋالىنى ناھايىتى ئېنىق كۆزىتەلەيدۇ ، ئۇچۇش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولۇپ ، دۈشمەنگە ئۇزاققىچە زەربە بېرەلەيدۇ ، ھۇجۇم كۈچى تۆۋەنرەك بولۇپ ، زىيادە ئۆلۈش-يارىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . بۇ ئايروپىلان ئىلگىرى لىۋىيەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ، بىراق ئۇ ۋاقىتتا ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنمىگەن ، دېدى .

    ‹‹ ئوۋچى ›› ــ ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاۋىياتسىيە سىستېمىسى شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ، تېزگىنەك ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ . ئادەتتە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بۇ ئايروپىلان ئاففانىستان ۋە پاكىستان چېگرىلىنىدىغان رايونلاردا قوراللىق ئۇنسۇرلارغا كۆپ قېتىم زەربە بەرگەن . بۇ ئايروپىلاننىڭ گەرچە ھۇجۇم كۈچى تۆەنرەك بولسىمۇ ، بىراق داۋاملىق بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!