جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى دېيىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى 23-ئاپرېل ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن. 2 نەپەر ئايروپىلان خادىمى ھېچقانداق زەخىمگە ئۇچرىمىغان.
ش ئا ئە ت دېيىشىچە، بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى كابۇلنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كاپىسا ئۆلكىسىنىڭ ئالا ساي رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن. 2 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنى تاپقان بولۇپ، ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان. ش ئا ئە ت تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىغان. ۋەقە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.