جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
گرۇزىيە بىلەن ئەرمىنىيە تۈنۈگۈن ئايرىم-ئايرىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، «چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
گرۇزىيەنىڭ 2-چوڭ شەھىرى كۇتايسىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تىلاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. «چېرنوبىل ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ شەھەر 2000 دىن كۆپرەك ئادەمنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن ئىدى.
ئەرمىنىيە پىرېزىدېنتى ساركسيان تۈنۈگۈن نۇتۇق سۆزلەپ، ئىلگىرى «چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسى» دە قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئەرمىنىيىلىكلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
1986-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېفنىڭ شىمالىغا 130 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 4-گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پارتلاپ، زور مىقداردىكى رادىياكتىپلىق ماددا چىقىپ كېتىپ، ياۋروپادىكى نۇرغۇن رايونلارغا تەسىر يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر يادرو چىقىپ كېتىش ۋەقەسى بولۇپ قالغانىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەرمىنىيە بىلەن گرۇزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىرى 500 مىڭدىن كۆپرەك قۇتقۇزۇش خادىمىنى چېرنوبىلغا قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر ئېغىر دەرىجىدە رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۆلۈپ كېتىپ، يۇرتلىرىغا قايتالمىغانىدى.