ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە فۇكۇشىما1–يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى دەرھال تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 26 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ياپونىيە سەھىيە – پاراۋانلىق – ئەمگەك ۋازارىتى 25 – ئاپرېل توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان كارخانىلارغا يوليورۇق بېرىپ، ‹‹ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى›› بويىچە، فۇكۇشىما 1 – يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى دەرھال تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى ئۆلچەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم رادىيوئاكتىپلىق نۇرنىڭ تېرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى، روھىي ساغلاملىق قاتارلىقلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يوليورۇقتا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشقانلار، شۇنداقلا ئۇچرىغان رادىياتسىيە مىقدارى 100 مىللىسيېۋېرتتىن ئاشقان خىزمەتچىلەرگە ئالدىن دىياگنوز قويۇش ھەم ئاز دېگەندە ئايدا بىر قېتىم دىياگنوز قويۇش تەلەپ قىلىندى.

    ‹‹ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى››دا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قارمىقىدىكى كارخانىلار يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىكىنى يىلدا ئىككى قېتىم تەكشۈرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. فۇكۇشىما 1 – يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مەشغۇلات مۇھىتى بەكلا يامانلىشىپ كەتكەچكە، 30 خىزمەتچى 100 مىللىسيېۋېرتتىن يۇقىرى رادىياتسىيەگە ئۇچرىدى. شۇڭا، سەھىيە – پاراۋانلىق – ئەمگەك ۋازارىتى سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك، دەپ قارىدى. 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!