ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ب د ت سىرىلانكىدىكى توقۇنۇشنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 25 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ب د ت 25 – ئاپرېل سىرىلانكىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: سىرىلانكىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ – ‹‹تامىل ئىرام يولۋىسى ئازادلىق تەشكىلاتى›› بىلەن سرىلانكا ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى قىلمىشلار ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

    200 بەتلىك بۇ دوكلاتتا يەنە، ‹‹تامىل ئىرام يولۋىسى ئازادلىق تەشكىلاتى›› بىلەن سىرىلانكا ھۆكۈمىتىنى 2008 – يىلى 9 – ئايدىن 2009 – يىلى 5 – ئايغىچە داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى، دېگەن ئەيىبلەش ‹‹ئىشەنچلىك››، بەزى قىلمىشلار ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەرىجىسىگە يەتكەن، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا: سىرىلانكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك تەرتىپىنى يولغا قويۇشى تەۋسيە قىلىنغان.

    ب د ت باش كاتىپى بان كىمون دوكلات بىلەن تەڭ بايانات ئېلان قىلىپ، دوكلاتنىڭ يەكۈنى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بان كىمون خەلقئارالىق تەكشۈرۈش مىخانىزمى ئورنىتىپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ ھەققىدە توختىلىپ: بۇ، ئالاقىدار دۆلەتنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق بىرەر ھۆكۈمەتلەرئارا مۇنبەر ئارقىلىق قارار چىقىرىشىغا باغلىق، دېدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!