جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 27-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 26-ئاپرېل يېرىم كېچىدە، سۇرىيە ھۆكۈمىتى پايتەخت دەمەشىق ئەتراپىغا ئەسكەر كۆپەيتكەن، بۇ ئەسكەرلەر ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئاممىغا بولغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتكەن.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر 27-ئاپرېل ئاشكارلىشىچە، كۆپلىگەن ئاق رەڭلىك ماشىنىلار نەچچە يۈز ئەسكەرنى توسۇپ، دەمەشىق شەھىرىنىڭ شىمالى رايونىدىكى دوما (Douma) رايونىغا كەلگەن. ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە، دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان نامايىشچى ئامما دوما رايونىدىن يولغا چىقىپ، شەھەر مەركىزىگە ئاتلانغان، ئەمما ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
بۇرۇن ئەسكەر بولۇپ باققان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ھۆكۈمەت 26-ئاپرېل دوماغا 2000 نەچچە ئامانلىق ساقچىسى ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلغان، ئۆتكۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرگەن، نامايىشچى ئاممىغا ھېسداشلىق قىلغانلارنى قولغا ئالغان.ئۇ كوچىدا ئېغىر قوراللار سەپلەنگەن نەچچە ماشىنىنى ھەمدە ئاپتومات بىلەن قوراللانغان پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ئەسكەرلەر «جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلار قىسىمى» غا تەۋە، بۇ قىسىملار سۇرىيە پىرىزدېنتى ئاسادقا سادىق دەپ قارىغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!