شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 25 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئىتالىيە زۇڭلىسى بېرلىسكونى 25 – ئاپرېل ئىتالىيە ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھەربىي نىشاننى بومباردىمان قىلىشنى قارار قىلدى، دېدى.
ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بېرلىسكونى 25 – ئاپرېل ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشقان. ئۇ تېلېفوندا: ئىتالىيە سوقۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹جانلىقلىقى››نى ئاشۇرۇپ، لىۋىيەدىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى نىشانلاپ ھەرىكەت قوللىنىمىز، دېگەن.
ئىتالىيە ئانسا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نىشانغا دەل تېگىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كۆپ دۆلەت قىسىمى لىۋىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللانغاندىن بۇيان، ئىتالىيە ئۇلارنى يەتتە ھەربىي بازا بىلەن تەمىنىلىگەن ھەم سوقۇش ئايروپىلانىنى ھەرىكەتكە قاتناشتۇرغان بولسىمۇ،سوقۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بىۋاسىتە بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلماسلىقىدا چىڭ تۇرغان. بېرلىسكونى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۆلىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئىلگىرى لىۋىيەدىكى مۇستەملىكىچىلىك تارىخىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىتالىيە لىۋىيەنى بومباردىمان قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشمايدۇ، دېگەن.