ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ش ئا ئە ت ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق لىۋىيە رەھبىرى كازافىينى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى

2011-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قوماندانى چارلىز بۇچارد 26-ئاپرېل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق لىۋىيە رەھبىرى كازافىينى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

ئىتالىيەنىڭ ناپلىسدا تۇرۇشلۇق بۇچارد كۆرۈنمە چاستوتىلىق يىغىندا: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى كازافىينىڭ تۇرالغۇ جايى ئەزىز زىيادە ھەربىي لاگېرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى «شەخسكە قارىتىلمىغان، شۇنداقلا ھاكىمىيەتنى يوقىتىشنىمۇ كۆزدە تۇتمىغان». لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھاۋا ھۇجۇمى باشلانغاندا كازافىي تۇرالغۇسىدا يوق ئىدى، ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇ يەنە تېلېۋىزورغا چىقتى.

تەرجىمان: ئابدۇخالىق ئەمەت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!