ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رۇسىيە ب د ت نىڭ لىۋىيە كىرىزىسىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان ھەر قانداق بىر يېڭى

2011-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 26-ئاپرېل گرۇزىيەنىڭ ئابغازىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى سۇھۇمىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە كىرىزىسىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان ھەرقانداق بىر يېڭى قارارىنى قوللىمايدۇ.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى قارارى لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى قورال كۈچى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشقا ھەمدە مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلسا، رۇسىيە بۇنى قوللايدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر يېڭى قارار لىۋىيەنىڭ «ئىچكى ئۇرۇشى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى»نى كۈچەيتىۋەتسە، رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇخالىق ئەمەت

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!