▲ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 26 – ئاپرېل ياۋرو رايونى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2010 – يىللىق مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە جامائەت قەرزى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. مەلۇماققا قارىغاندا، گرېتسىيەنىڭ مالىيە ۋەزىيىتى مۆلچەردىكىدىن كەسكىن ئىكەن.
▲رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 26 – ئاپرېل گرۇزىيە ئابغازىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى سۇخۇمىدا: رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە توقۇنۇشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق يېڭى قارارىنى قوللىمايدۇ، دېدى.
▲فىلىپپىن ساقچى دائىرىلىرى 26 – ئاپرېل مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ساقچىلار بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىمالدىكى بۇلاكان ئۆلكىسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ – ‹‹يېڭى خەلق ئارمىيەسى››بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى، توقۇنۇشتا ‹‹يېڭى خەلق ئارمىيەسى››نىڭ بەش ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى قازا قىلدى.
▲ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا خەۋپسىزلىك ياردىمى قىسمى 26 – ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتتا: ئافغانىستاندىكى 2 – نومۇرلۇق زەربە بېرىش نىشانى بولغان ‹‹بازا››تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ئابدۇل غەنى 13 – ئاپرېلدىكى بومباردىماندا ئۆلدى، دېيىلدى.
▲پاكىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنى توشۇۋاتقان ئىككى ئاپتوبۇسى 26 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن كاراچى شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ، تۆت كىشى قازا قىلدى، 50 نەچچە كىشى يارىلاندى.
▲ئالجىرىيە ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېنزىن ۋە دېزىل قاتارلىق يېقىلغۇ توشۇيدىغان بىر پويىز 25 – ئاپرېل ئالجىرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باتنا ئۆلكىسىنىڭ باتنا شەھەر رايونىغا يېقىن جايدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 140 مىڭ لىتىر يېقىلغۇ ئېقىپ كەتكەن، ئەمما ئوت ئاپىتى ۋە تالاپەت يۈز بەرمىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى