جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولىۋاتقان مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئەئسەم شىراف 26-ئاپرېل مۇنداق دېدى: مىسىر بىلەن ئىراننىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسر كۆرسەتمەيدۇ.
شىراف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر بىلەن پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل قويۇق بولۇپ كەلدى. پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى مىسىر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ھەرگىزمۇ ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان بىر قىزىل سىزىق. ئەگەر مىسىر ئىران مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر بەت ئېچىلسا، بۇ ھەرگىزمۇ پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسر كۆرسەتمەيدۇ.
يېقىندا، پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالدى. ئىراننىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى بەھرەيىنگە ئەسكەر چىقاردى دەپ ئەيىبلىشى ۋە كۇۋەيتنىڭ ئىراننىڭ بىر ئىشپىيونلۇق ئورگىنىنى تارمار قىلدۇق، دېگەنلىكى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالدى. پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىراننى بۇ كومىتېتىقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى، پارس قولتۇقى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزدى، دەپ ئەيىبلىدى.
تەرجىمان: ئابدۇخالىق ئەمەت