جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
26-ئاپرېل، كامبودژا، تايلاند ھۆكۈمەت ئارمىيەلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇشتى. تايلاند تەرەپنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئەسكىرى ۋە ئۈچ پۇقراسى يارىلاندى. شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا، تايلاندنىڭ سۇرىن چېگرا رايونىدا كەسكىن قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەردى. تايلاند تەرەپ كامبودژانى راكىتاميۇت ئىشلەتتى، دېدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى: پىرەخۋىخەر ئىبادەتخانىسى تەرەپتىمۇ توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ تايلاند-كامبودژا چېگرا توقۇنۇشىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقنى بىلدۈرىدۇ، دېدى. تايلاند بىلەن كامبودژانىڭ چېگرا مەسىلىسى تېخىچە ھەل قىلىنمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى تالاش-تارتىش ئېغىرلاپ، ھەربىي ئىشلار جىددىيچىلىكى، ھەتتا ئوق ئېتىشىش ۋەقەلىرى كۆرۈلدى.
تەرجىمان: ئابدۇخالىق ئەمەت