جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى 27-ئاپرېل مىسۇراتادا قازافىغا سادىق ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېيتقان، مىسۇراتا نۆۋەتتە توپىلاڭچى كۈچلەرنىڭ كونتروللىقىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ش ئا ئە ت نىڭ كېچىلەپ ھاۋا ھۇجۇمى قىلىش ھەرىكىتى قازافى قىسىملىرىنى چەكلەش رولىنى ئوينىغانلىقى ئېيتقان، توپىلاڭچىلار قازافى قىسىملىرىنى مىسۇراتا پورتىدىن 40 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى جايغا جايغا چېكىندۈرگەن. لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى يەنە قازافى قىسىملىرىنى قىسمەن قوراللارنى مەسىلەن، فرانسىيەدە ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، كاتيۇشا ۋە ئاپتومات قاتارلىق قوراللارنى ئولجا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
27-ئاپرېل، پۈتكۈل لىۋىيەدىكى 61 قەبىلە ئاقساقاللىرى ياكى ۋەكىللىرى لىۋىيە رەھبىرى قازافىنى تەختتىن چۈشۈشكە دەۋەت قىلغان. فرانسىيە يازغۇچىسى بېرنارد ھېنرىي لېۋىي (Bernard-Henri Levy) بۇ باياناتنى ئېلان قىلغان. باياناتتا:«دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن تەھدىد، مۇستەبىت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەشۋىقاتى ئالدىدا بىز تەنتەنىلىك جاكارلايمىزكى:بىز بۆلۈنمەيمىز. بىز ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئىتتىپاقلىق قاتارلىق ئورتاق غايىلەردىن بەھرىمان بولىمىز» دېيىلگەن.
ئافرىقا ئىتتىپاقى 27-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيە ئەمەلدارلىرى ۋە مۇھىم ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەربىي ھەركەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. باياناتتا:«ئافرىقا ئىتتىپاقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ لىۋىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئىجىتىمائىي ئىقتىساد ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشتەك بۇ خىل ھەرىكەتلەردە بولماسلىقىنى دەۋەت قىلىمىز. بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ تاشلايدۇ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا خەلقئارالىق ئورتاق تونۇش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ» دېيىلگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!