سۈرىيەنىڭ دىن ئېتىقاد خەرىتىسى:
ئىككىنچى خەرىتە: سۈرىيەنىڭ مىللەتلەر خەرىتىسى
ئومۇمەن، ئەرەب مىللەتچىلىكىدىن سۈرىيە مىللەتچىلىكىگە مايىل بولۇپ كەتكەن، چەت ئەلنىڭ مۇداخىلىسىگە قەتئىي قارشى بولغان ھەمدە زوراۋانلىقنى رەت قىلىپ كەلگەن بۇ گۇرۇپپا ئىنقىلابتىنمۇ كۆرە ئىسلاھات ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئالدىنقى پىلاندا تۇرىدۇ. سان جەھەتتىن ئاز بولۇشلىرىغا قارىماي تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئىسلاھاتچىلار ھەرىكىتى گۇرۇپپىسى بۇندىن كېيىن تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن.
سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا نوپۇسى ۋە ئاممىۋى ئاساسى ئەڭ كەڭ بولغان، تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان گۇرۇپپا، سۈننىي ئەرەبلەر قوللايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىدۇر. 1940 - يىللىرى ھەلەپ ۋە ھامالىدىكى سۈننىي پومىشچىكلارغا قاراشلىق ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان سۈرىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، قۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن دېموكراتىك سىياسىي ھاياتقا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 1950 - ۋە 1960 - يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا سۈرىيە پارلامېنتىدا گۇرۇپپا قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، بەئىس پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن قاتتىق بېسىقمغا دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن 1964 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇندى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بۇ ھەرىكىتى باستۇرۇلغان بولۇشىغا قارىماي ئىزچىل تۈردە مۇجادىلە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق 1982 - يىلىغا كەلگەندە ھامادا بىر ئەسكىرىي گازارمىنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن دۆلەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ قېتىمقى ۋەقەلەردە قانچە مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. 1996 - يىلغىچە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يەر ئاستى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تىرىشقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، شۇندىن تارتىپ زوراۋانلىق ۋە كۈچ ئىشلىتىشنى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ قايتىدىن پائالىيەتكە ئۆتتى. گەرچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدە ھازىرمۇ ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەر بار بولسىمۇ، ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقان تەشكىلات، تەسىر دائىرىسىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە.
سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەردىن بىرى كۈرت (كورد) لەر بولۇپ، كۆپىنچىسى سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىراق بىلەن تۈركىيە چېگرا ئېغىزلىرىغا جايلاشقان رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان كۈرتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 يېرىم مىليون كېلىدۇ. ئىراقنىڭ 2003 - يىلى ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغان سۈرىيەلىك كۈرتلەر، 2004 - يىلى ئىسيان كۆتۈردى. ھازىرمۇ سۈرىيەدە كۈرتلەرنىڭ ھاكىمىيەت تەرىپىدىن مەنئىي قىلىنغان 14 پارتىيەسى بار. بۇ پارتىيەلەرنىڭ باشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ماس كېلىدىغان تەلەپلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىرى جىددىي ھالەت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە يەككە پارتىيەلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىگە خاتىمە بېرىلىشى. ئۇلارنىڭ باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى، شۇنداقلا سۈرىيەدىكى خرىستان ، ئەرمەن كۈچلەر بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىدىغان تەرىپى ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئاپتونومىيە ۋە فېدېرال رايون قۇرۇش تەلەپلىرىدىن ئىبارەت.
دېمەك، بەشىر ئاسادقا پايدىلىق بولغىنى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردا بىرلىك ئاز، ئۇلار ئوخشاش تەلەپلەر ياكى بىر - بىرىگە زىت تەلەپلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ھازىرغىچە ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلاردا ئۆكتىچىلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلغان نۇقتىلاردىن بىرى، ئۇلارنىڭ مىسىر ۋە تۇنىس قوزغىلاڭلىرىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى. شۇ ۋەجىدىن، سۈرىيەمۇ ھاكىمىيەت ئالمىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزگىرىشلەردىن مۇستەسنا دۆلەت ئەمەس، ئەلۋەتتە. پىكىر - تەلەپلەردە ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىكنىڭ بولماسلىقى، ھەرگىزمۇ سۈرىيەدە ھاكىمىيەت ئالمىشىشنىڭ قىيىنلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ھاكىمىيەت ئالمىشىش تەلەپلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ، دېسەك ھەرگىزمۇ خاتالاشقان بولمايمىز.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!