شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 26 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ياپونىيە مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا ۋازارىتى 25 – ئاپرېل فۇكۇشىما 1 – يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى 20 كىلومېتىرلىق ئېھتىيات رايونى ئىچىدىكى تۇپراق ۋە ھاۋانىڭ رادىياتسىيەلىنىش سەۋىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 2 – ئاپرېل ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن ئېلىنغان تۇپراق ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈشتە، رادىيوئاكتىپلىق سېزىي – 137 نىڭ ئۆلچەمدىن 3800 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان.
2 – ئاپرېل ۋە 18 – ئاپرېل 12 نۇقتىدىن ئېلىنغان ھاۋا تەركىبىدىكى رادىيوئاكتىپلىق يود – 131 ئۆلچەمدىن پۈتۈنلەي ئېشىپ كەتكەن.
مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا ۋازارىتى يەنە مەملىكەتنىڭ رادىيوئاكتىپلىق نۇرنى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى ئاشكارىلىدى ھەم خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، كورېيەچە تىللارغا تەرجىمە قىلىپ كىشىلەرنىڭ كۆرۈشىگە سۇندى.