ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە ئۆز-ئارا ۋىيزا كەچۈرۈم قىلىدۇ

2011-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
   

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27- ئاپرىل بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئوتانبايىۋ 26-ئاپرىل تۈركىيە زۇڭلسى ئەردوئان بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە ئۆز-ئارا ۋىيزا كەچۈرۈم قىلىدۇ.

ئەردوئان مۇخبىرلانى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئوخشاش «سېنگىن» كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر پۇقرالىرى ئەركىن باردى -كەلدى قىلالايدۇ.

تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!