ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى رادىئاتسىيە مىقدارى خەرىتىسى

2011-يىلى04-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن توكيو ئېلېكتىر شىركىتىدىن تەشكىللەنگەن «ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىر چىقىرىش ئورگىنى» تۈنۈگۈن فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى خەرىتىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى.

11-مارت ياپونىيەدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش ۋە ئۇ پەيدا قىلغان دېڭىز تاشقىنىنىڭ تەسىرىدە، فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى تۆت گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا ۋەقە كېلىپ چىقىپ، رادىياكتىپلىق ماددا چىقىپ كەتتى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپكى قەدەمدە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ئۈچ كىلومېتىر دائىرىدىكى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ئۈچ كىلومېتىردىن ئون كىلومېتىرغىچە بولغان ئاھالىلەردىن سىرتقا چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن يەنە تارقاقلاشتۇرۇش دائىرىسىنى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى 20 كىلومېتىر دائىرىگىچە كېڭەيتتى ھەمدە 20 كىلومېتىردىن 30 كىلومېتىرغىچە بولغان ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە پاناھلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!