ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ھەسەن ئانايەت ، ئۆمەرجان خەۋىرى ، فوتوسى: 17-ئاپرېل ، بۈگۈر ناھىيەلىك ئەمگەك-كادىرلار، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2009(11)-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ، بۈگۈر ناھىيەسىدە ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ، ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 254 نەپەر ياشنىڭ ھەر بىرىگە 5118 يۈەندىن جەمئىي 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى .