ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى : قەشقەر شەھىرىنىڭ تۈمەنكۆل باغچىسى مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان قەشقەر ‹‹ تىيەنتوڭ›› قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېقىندا بېيجىڭ شەھىرىگە بېرىپ ، جۇڭگو شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش جەمئىيىتى تارقاتقان ‹‹ مەملىكەت بويىچە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى ئالتۇن لوڭقىسى›› نى تاپشۇرۇپ ئالدى .
2008–يىلى ، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى تۈمەن دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ، تۈمەنكۆل باغچىسىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ ، مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان ئىدى. قۇرۇلۇش قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان قەشقەر ‹‹ تىيەنتوڭ›› قۇرۇلۇش مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 80 مىڭ 738 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ، 200 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان بۇ ‹‹ ئەل رايى قۇرۇلۇشى›› نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ، تۈمەنكۆل مەيدانى ، غەربىي دىيار دەرۋازىسى ، ھاياتلىق بۇلىقى ، غەربىي دىيار كارىدورى ، مەنزىرە سارىيى ، بېلىق تۇتۇش سۇپىسى ، تۈمەنكۆل ئايلانما يولى ، مەركىزىي ئويۇن قويۇش زالى قاتارلىق بىر بۆلەك قۇرۇلۇشلارنى پۈتكۈزۈپ ، تۈمەنكۆل باغچىسىنى شەھەر خەلقىنىڭ ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى سورۇنىغا ئايلاندۇردى .
ئىگىلىشىچە، ‹‹ مەملىكەت بويىچە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى ئالتۇن لوڭقىسى›› مۇكاپاتىنى مەملىكەتلىك شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى جەمئىيتى تەسىس قىلغان بولۇپ ، ئاساسلىقى شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سۈپىتى ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئاساس قىلىپ ، يىلدا بىر قېتىم تارقىتىدىكەن ، بۇ قېتىم ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تۈمەنكۆل باغچىسىنى ئۆزگەرتىپ مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 60 شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش تۈرى 2010-يىللىق بۇ مۇكاپات تۈرىگە نائىل بولغان .