سۈرىيە زۇڭتۇڭى بىشار ئەل ئاسساد
جۇڭگو ئاخبارات تورى 21–ئاپرېل تېلېگراممىسى : سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، سۈرىيە زۇڭتۇڭى بىشار ئەل ئاسساد 21–ئاپرېل ، 48 يىل يۈرگۈزۈلگەن جىددىي ھالەت قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، دۆلەت ئامانلىق قانۇنىنى بىكار قىلىپ ، پۇقرالارنىڭ تىنچلىق نامايىشىسى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى ئېلان قىلدى .
ئىگىلىنىشىچە ، 16–ئاپرېل ، سۈرىيە زۇڭتۇڭى بىشار ئەل ئاسساد : ‹‹ ئەڭ كېچىككەندىمۇ كېلەركى ھەپتە 48 يىل يۈرگۈزۈلگەن جىددىي ھالەت قانۇنىنى توختىتىمەن ، خەلق بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىمەن ›› دەپ ۋەدە بەرگەنكەن . ئۇنىڭ قارىشىچە ، جىددىي ھالەت قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئامانلىقى كۈچەيتىدىكەن ۋە پۇقرالارنىڭ قەدىر–قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن .
سۈرىيە ئاممىسى 3–ئايدىن باشلاپ نامايىش قىلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى پۇرسىتى بەرپا قىلىپ ، جىددىي ھالەت قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى .
نامايىشىچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر قازا قىلغان ۋە يارىلانغان . قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، سۈرىيەدە ئارقا–ئارقىدىن نارازىلىق نامايىشىلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن ، بۇ تۇقۇنۇشلاردا ئاددىي پۇقرالار ، ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ۋە ھەربىيلەردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان .