ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى ئويلىمغان يەردىن ئۇتتۇرۇپ قويدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    17–ئاپرېل كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى . نەتىجىدە ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن91 دە 96 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى .

    بۇ مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇتتۇرۇشى بولۇپ ، دائىمىي مۇسابىقىدە شەندۇڭ كوماندىسىغا بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى . نۆۋەتتە ، ئومۇمىي نومۇردا شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى 1 دە 1 تەڭلىشىپ قالدى . كېلەركى مەيدان مۇسابىقە 20–ئاپرېل ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .

 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!