20–ئاپرېل كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى . نەتىجىدە ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى 85 كە قارشى 118 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتى .
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ، شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى مەيداندىكى مۇسابىقىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە نىسبەتەن يېڭى تەدبىرلەرنى قوللانغان بولۇپ ، چەت ئەللىك ئىككى ماھىرنى باشتا مەيدانغا چۈشۈرمەي ، ئاكتىپ مۇداپىئەچى مۇراتنى مەيدانغا چۈشۈردى . مۇسابىقە باشلىنىپلا ، مۇراتنىڭ ئاكتىپ مۇداپىئەسى بىلەن مەۋلاننىڭ قاۋۇل بەستى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا كۆپ ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى . بۇ ئىككىسىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى شىنجاڭ كوماندىسىغا ياخشى باشلىنىش ئېلىپ كەلدى . نەتىجىدە ، شىنجاڭ كوماندىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى .
نۆۋەتتە ، ئومۇمىي نومۇردا شىنجاڭ كوماندىسى 2 دە 1 ئالدىدا بولۇپ ، يەنە ئىككى مەيدان غەلىبە قىلسا بۇ يىللىق جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولىدۇ . كىلەركى مەيدان مۇسابىقە 22–ئاپرېل كەچتە گۇڭدۇڭدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .