ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاپتونوم رايون بەش يىلدا1مىليارد571مىليون يۈەن داۋالاش–قۇتقۇزۇش سوممىسى چىقىم قىلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ياڭ يىڭچۈن خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لۈ زىشياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2006 – يىلى 27 ناھىيە – شەھەردە شەھەرلەرنىڭ داۋالاش – قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويدى. 2007 – يىلى، داۋالاش – قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېز ئومۇملىشىپ، ھەممە ناھىيە – شەھەردە شەھەرلەرنىڭ داۋالاش قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى يولغا قويۇلدى. ھەممە ناھىيە – شەھەردە يېزىلارنىڭ داۋالاش – قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بىلەن پائال جىپسىلاشتۇردى، يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىشىغا مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، چارۋىچىلىق رايونىدا ئېغىر كېسەل ۋە دائىملىق كېسەللەرنى داۋالاش – قۇتقۇزۇشنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا داۋالاش – قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتى. بەش يىلدىن بېرى، ئاپتونوم رايون داۋالاش – قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جەمئىي 1 مىليارد 571 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، 10 مىليون 575 مىڭ كىشىنى قۇتقۇزدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مو جۈەن مۇنداق دېدى: داۋالاش – قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ‹‹ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش (سۇغۇرتا)قا قاتنىشىش مەبلەغ ياردىمى، ئامبولاتورىيەدە كۆرۈنۈش مەبلەغ ياردىمى، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش مەبلەغ ياردىمى، قۇتقۇزۇش ۋاقىتلىق مەبلەغ ياردىمى، خەيرىيەت قۇتقۇزۇشى›› بىرلەشكەن ‹‹بەشى بىر گەۋدىلەشكەن›› شەھەر، يېزىلارنىڭ داۋالاش – قۇتقۇزۇش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، داۋالاش – قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاممىنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى تارمىقى بۇنىڭدىن كېيىن قۇتقۇزۇش – داۋالاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، داۋالاش – قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنىڭ ۋاقتىدا راسچوت قىلىشى بىلەن بىر جايدا يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قىلىشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!