ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بانكىلار پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزائىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك

2011-يىلى04-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    بۇ يىل 12 – بەش يىللىق پىلان باشلانغان تۇنجى يىل. شۇڭلاشقا، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا يۈزلەنگەن، شەھەر – يېزىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان پېيىنى بازارغا يۈزلەندۈرگەن چوڭ بانكىلار، يېزا ئىگىلىك بانكىلىرى يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك بايلىقلىرىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ قىممەت يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

    بانكىلار يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، غەيرىي كىرېدىت تىپىدىكى پۇل مۇئامىلە بايلىقلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزائىگىلىك كەسىپلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك بانكىلىرى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ۋە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېزا – بازارلارنى، ھەتتا كەنت – مەھەللىلەرنى قاپلىغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارنىڭ مالىيە مەبلىغىنى ئاتچوت – چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، شۇنداقلا دېھقانلارغا ئېتىبار كارتىسى، ئېلېكتىرونلۇق بانكا، ھېساب يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق غەيرىي كىرېدىت تىپىدىكى كەسىپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

    مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كىرېدىت بايلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزىلارنىڭ كىرىدىت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ‹‹12 – بەش يىل››دا ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە رايون، چوڭ شەھەرلەرنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك رايونى، دېڭىز بويى يېزا ئىگىلىك رايونى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىسادىي رايونى، يايلاق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي رايونى قاتارلىق ئالتە چوڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي رايوننى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك بانكىلىرى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››دا ئالتە چوڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇش پىلانىغا قارىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارنىڭ كىرېدىت مەھسۇلاتلىرى كەسپىدە يېڭى ماركا يارىتىشى لازىم.

    يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى غەنىيمەت پۇرسەت، پۇل مۇئامىلە تەلىپىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلىپ، يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى بىر يىلدا يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كۈچەشكە تېگىشلىك ئاساسىي نۇقتا – يېزىلارنىڭ يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش، يايلاقلارنى ھۆددە بېرىپ باشقۇرۇش، تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭا، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك بانكىلىرىدا تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە ماركىلىرىنى يارىتىپ، يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

    يېزائىگىلىك بانكىسى يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دېھقان – چارۋىچىلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار كەسىپلىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يېزىلارنىڭ مائارىپ، ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش – سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يېڭىچە يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىشنى چىڭ تۇتۇش بۇ يىلقى يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. يېزا ئىگىلىك بانكىلىرى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېزا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىشى، يېزىلاردىكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشى ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىشى، دۆلەتنىڭ دائىرىلەر بويىچە يولغا قويغان نۇقتىلىق تۈرلەرگە مۇۋاپىق مىقداردا سودا كىرېدىت مەبلىغى سەپلەپ بېرىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

    ‹‹دېھقانلار گېزىتى››دىن ئېلىندى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!