ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى مەرگەنلىرىنىڭ توپىلاڭچىلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋىرى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 14-ئاپرېل مىسىر قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن لىۋىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنىدا لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، خەلقئا
  

 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋىرى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 14-ئاپرېل مىسىر قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن لىۋىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنىدا لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىرزىسنى ھەل قىلىشتا ئامال تېپىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشىنى دەۋەت قىلغان. ب د ت، ئافرىقا ئىتتىپاقى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام كومىتېتى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى قاھىرەدىكى يىغىنغا قاتناشقان.
لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن توپىلاڭچىلار 14-ئاپرېل مىسىۇراتا، ئەجدابىيە قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردە كەسكىن ئېتىشقان. لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ باياناتچىسى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى مىسۇراتاغا نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەن. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇنى ئىنكار قىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن دېپلوماتىيە مىنىستىرى قايىم لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى خادىملىرىنىڭ مىسۇراتادىكى توپىلاڭچىلارغا قېتىلىپ ھۆكۈمەت ئارمىيىىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مىسۇراتادىكى مەرگەنلەر لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى دېگەن. ئۇ يەنە غەرب ئاخبارات ئورگانلىرى لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى خادىملىرىنىڭ مىسۇراتادىكى ئىسيانچىلارغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ دېگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركەت قازافى تەختتىن چۈشكىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 14-ئاپرېل كەچ ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېيرون ۋە فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىيلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيە خەلقىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(ش ئا ئە ت) نىڭ باش كاتىپى راسموسىن 14-ئاپرېل لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ زۆرۈر پەيتكىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ش ئا ئە ت گە ئۇرۇش ئايروپىلانى ياردىمىنى كۆپەيتىشكە دەۋەت قىلغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!