شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن چۇڭچىڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى
روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئۇقۇشىچە ، شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۈرۈمچى 19 ياشلىقلار ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسى يېقىندا ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 7 – نۆۋەتلىك شەھەرلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە A گۇرۇپپا بويىچە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇسابىقىگە مەملىكىتىمىزدىكى 30 نەچچە شەھەردىن بارغان كوماندىلار A گۇرۇپپا(U19) ۋە B گۇرۇپپا(U17) بويىچە مۇسابىقىلەشكەن. شىنجاڭ ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسى(U19)نىڭ ماھىرلىرى A گۇرۇپپا بويىچە 1: 0 نەتىجە بىلەن تيەنجىن كوماندىسىنى، 2: 1 نەتىجە بىلەن شاڭخەي كوماندىسىنى، 4: 1 نەتىجە بىلەن چۇڭچىڭ كوماندىسىنى ئۇتۇپ، 10 – ئايدا جياڭشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 7 – نۆۋەتلىك شەھەرلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول تۈرىنىڭ 19 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن.