ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹خېڭدا›› ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى مۇسابىقە رايونىغا 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 

   دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋالىبول تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى 14 – ئاپرېل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭجۇ شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ۋالىبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توپ مەستانىلىرى سوقۇشۇش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى ھەم جازالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

    دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋالىبول تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈەنچياڭ 14 – ئاپرېل جاڭجۇدىكى ئاياللار ۋالىبول مەشىق بازىسىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم جازالاش قارارىنى جاكارلىدى. جازالاش قارارىدا مۇنداق دېيىلدى: تيەنجىن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە رايونىدا 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تيەنجىن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى بىلەن ‹‹خېڭدا›› ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى مۇسابىقىلىشىۋاتقاندا، بىر قىسىم تاماشىبىنلار ترېنېر، تەنھەرىكەتچىلەرنى ھاقارەتلىگەن؛ بەزى تاماشىبىنلار مەيدانغا نەرسە – كېرەك ئاتقان ھەم توپ مەستانىلىرى ئۆزئارا ئۇرۇشقان. شۇ سەۋەبتىن تيەنجىن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە رايونىغا ‹‹ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەش›› جازاسى بېرىلدى ھەم ئۇنىڭ 2011 – 2010 – يىللىق ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى مۇسابىقە رايونى، مۇنەۋۋەر مۇسابىقە رايونىنى سايلاشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى. ‹‹خېڭدا›› ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە رايونىدا 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ‹‹خېڭدا›› ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن تيەنجىن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكىلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەندە، كۆپ ساندىكى تاماشىبىن مەيدانغا نەرسە – كېرەك تاشلاپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، مۇسابىقىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن، مۇسابىقە رايونىنى كونترول قىلغىلى بولمىغان، ئامانلىق قوغداش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن. شۇ سەۋەبتىن، ‹‹خېڭدا›› ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە رايونىغا ‹‹ ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ›› بېرىلىپ، 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ھەم ئۇنىڭ 2011 – 2010 – يىللىق ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى مۇسابىقە رايونى، مۇنەۋۋەر مۇسابىقە رايونىنى سايلاشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!