روشەنگۈل ئابدۇراخمانخەۋىرى : مەملىكەتلىك 2011 – يىللىق CBA ۋاسكىتبول كۇلۇبلىرى ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ جىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقىسى 15 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن جىڭ ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى . دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋاسكىتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ترېنېر، تەنھەرىكەتچىلىرى، شۇنداقلا جىڭ ناھىيەسىدىكى ۋاسكىتبول ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەملىكەتلىك ۋاسكىتبول ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇسابىقە بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تۆت باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. 1 – باسقۇچتىكى مۇسابىقە تيەنجىن، ئەنخۇي، سىچۈەن ۋە شىنجاڭنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن ئىبارەت تۆت مۇسابىقە رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى. جىڭ ناھىيە مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقىگە جېجياڭ، شەندۇڭ، سىچۈەن، فوشەن، شىنجاڭ گۇاڭخۇي، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى كوماندىلىرىنىڭ ياشلار كوماندىسى قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نيې چۈننىڭ ئېيتىشىچە، مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ بىر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى جىڭ ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، مەبلەغ سېلىشتىن ئايانماي تەنتەربىيە مەيدان – سارايلىرىنى ياساپ، ئاممىنىڭ تەنتەربىيە مەيدان – سارايلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغانلىقى ۋە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىكەن.