ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىتالىيە ئاياللىرى بېرلوسكونىغا قارشى نامايىش قىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

意大利数千女性街头示威 抗议总理蔑视妇女

جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 13–فېۋرال تېلېگراممىسى : شياڭگاڭ ‹‹ۋىنخۇي گېزىتى››نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىتالىيە زۇڭلىسى بېرلۇسكونىنىڭ ‹‹ بالا پاھىشە ›› تەكلىپ قىلىش دېلوسىنىڭ تەسىرى بارغانسىرى كۈچەيگەن . 13ــ فېۋرال نەچچە مىڭ ئايال ، ئىتالىيەنىڭ رىم ، مىلان قاتارلىق 200 شەھەردە نامايىش قىلىپ ، بېرلوسكونىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ جىنسىي سەتچىلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى ۋە ئۇنىڭ ئاياللارنى كۆزگە ئىلماسلىق قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن .

ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى نامايىشىنى ئىتالىيەلىك ئايال ئارتىسى فرانسېسكا بىلەن كىرىستيانا قوزغىغان بولۇپ ، ئۇلار بېرلوسكونىنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرىنىمۇ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشىغا رىغبەتلەندۈرگەن ۋە قوللىغان . بۇنىڭدىن باشقا ، بىر ھەپتە ئىچىدە 50 مىڭ ئايال ‹‹ ھازىر بىر تەرەپ قىلماي يەنە قاچانغىچە ساقلايمىز›› تېمىسىدىكى خىتابنامىغا ئىمزا قويۇپ ، بېرلوسكونىنىڭ گېزىت ــ ژورنال ۋە تېلېۋېزورلاردا ئاياللارنى كەمسىتكەن سۆزلىرىنى ئەيىبلىگەن . 

بېرلوسكۇنى يېقىندا ياش قۇرامىغا يەتمىگەن پاھىشە قىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ ، سوتقا تارتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئۇ ئىلگىرى برازىلىيە پۇتبول چولپىنى رونالدىنيونىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى توماسسىنىمۇ ئۆزىنىڭ ‹‹ كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىمى ››غا تەكلىپ قىلغانىكەن ، شۇ سەۋەپتىن توماسسىمۇ بۇ دېلودىكى مۇھىم گۇۋاھچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ تەكشۈرۈلۈشى مۇمكىنكەن .  توماسسى ئىلگىرى بېرلوسكونىغا بىر مۇنچە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن بولۇپ ، بۇ ئۇچۇرلاردا بېرلوسكونىنىڭ پاھىشە چاقىرىش سەتچىلىكى توغرىسىدىكى ئىسپاتلار بولىشى مۇمكىنكەن .

    بۇنىڭدىن باشقا يەنە 19 ياشلىق مودېل بېرالدىمۇ ئىلگىرى بېرلوسكونىنىڭ ‹‹ كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىمى ››غا قاتنىشىپ باققانلىقى ، ئۇچاغدا ئۆزىنىڭ تېخى ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلىكىنى ئاشكارلىغان .

    بېرلوسكونىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى :

بېرلوسكونى

   ئىتالىيە زۇڭلىسى بېرلوسكونى بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، 1936ــ يىلى 29 ــ سېنتەبىر ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى مىلان شەھىرىدە تۇغۇلغان . مىلان  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقىغان . ئىتالىيەلىك داڭلىق سىسياسىئون ۋە كارخانىچى . ئىتالىيە قۇدرەت پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى . ئىتالىيە AC مىلان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى . ئۈچ قېتىم ئىتالىيە زۇڭلىسى بولۇپ سايلانغان . (بىرىنچى قېتىم ، 1994 ــ يىلىدىن 1995ــ يىلىغىچە ، ئىككىنچى قېتىم ، 2001ـــ يىلىدىن 2005 ــ يىلىغىچە ، ئۈچىنچى قېتىم ، 2008 ــ يىلىدىن ھازىرغىچە) . بېرلوسكونى يەر مۈلۈك سودىسى بىلەن بېيىغان بولۇپ ، كېيىن تېلىۋىزىيە ساھەسىگە كىرگەن . بېرلوسكونى ئىتالىيەدىكى 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىسىنى كونتۇرول قىلغان بولۇپ ، ئىتالىيە ‹‹ ئاخبارات پادىشاھى ›› دەپ نام ئالغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!