مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ مەركىزىدىكى ئاۋاتلىق
شىنخۇا تورى، قاھىرە، 13 – فېۋرال تېلېگراممىسى: مىسىر قوراللىق قىسىمىنىڭ ئالىي كومىتېتى 13 – فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ ، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاساسىي قانۇننى ۋاقتىنچە توختىتىپ ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقى ھەم ئالتە ئايدىن كېيىن زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
باياناتتا ، پارلامېنت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ، ئارمىيەنىڭ بىر ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتى تەشكىللەپ ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە مەسئۇل قىلىدىغانلىقى ، يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ كېيىن پۈتۈن پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى. ئارمىيە تەرەپ سايلام ۋاقتى جەدۋىلى تۈزۈپ ، تەخمىنەن ئالتە ئايدىن كېيىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىسىر مەسلىھەتلىشىش كېڭىشى ۋە خەلق پارلامېنتى (يەنى پارلامېنتنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن ئىككى پالاتاسى) ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2010 – يىلى ئىيۇندا ۋە نويابىردا نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، مۇبارەك رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە — مىللىي دېموكراتىك پارتىيە ئىككى قېتىملىق سايلامدا بىردەك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ غەلىبە قىلغان، بىراق ئۆكتىچىلەر سايلامدا ساقلانغان كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەن. نۆۋەتتە خەلق پارلامېنتىدا ، مىللىي دېموكراتىك پارتىيەنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى %90 دىن ئاشىدۇ.
مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى ئازادلىق مەيدانى
قاھىرەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان ئەسكەر
11 – فېۋرال، مىسىر ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ‹‹3 – نومۇرلۇق ئاخبارات›› نى ئوقىدى