ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاقسۇ شەھىرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۇشى راۋانلاشتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    مەستۇرە مەھەممەت خەۋىرى : ئاقسۇ شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تەڭ جەمئىي 32 مىليون 890 مىڭ يۈەن مەبلەغ قولغا كەلتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ قەرز تارقىتىشى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

    قولغا كەلتۈرۈلگەن يۇقىرىقى مەبلەغ ئارقىلىق، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئون ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن؛ ئۈچ تاشقى سودا كارخانىسىغا 1 مىليون 725 مىڭ يۈەن؛ بىر نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە 459 مىڭ يۈەن؛ شەھەرگە قاراشلىق ئۈچ پۇل مۇئامىلە ئاپاراتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرز، مۇكاپات پۇلى تارقىتىشىغا 25 مىليون 571 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ بېرىلدى. بۇ مەبلەغنىڭ يىل بېشىدىلا ئەمەلىيلىشىشى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن يولغا قويىدىغان قۇرۇلۇش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى بالدۇر باشلاپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ قەرز قۇرۇلمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!