ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بىڭتۇەن2011–يىلى10مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدۇ

2011-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. بىڭتۇەن 2011 – يىلى 9 مىليارد 988 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىغا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي سېلىپ بېرىش، كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ‹‹ئون ئەمەلىي ئىش›› قىلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

    بۇ يىل بىڭتۇەن قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 103 مىڭ 800 يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سالىدۇ. بىڭتۇەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو يىفىڭ: ‹‹ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان، قولاي ئۆي، جامائەت ئىجارە ئۆيى ۋە باھاسىغا چەك قويۇلىدىغان تاۋار ئۆي قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەتلىك ئۆيلەرنى سالىمىز››، دېدى.

    بىڭتۇەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش، سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش ۋە داۋالىنىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2006 – يىلىدىن باشلاپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ھەر يىلى ‹‹ئون ئەمەلىي ئىش›› قىلىپ بەردى ۋە 2010 – يىلىغىچە ‹‹ئون ئەمەلىي ئىش›› قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 18 مىليارد 160 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!