ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

داغىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى

2011-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  داغىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردىداغىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى
شىنخۇا تورى 14-فېۋرال موسكىۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، داغىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى 14-فېۋرال ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر بازىرىدىكى ساقچى ئىدارىسى ئۆزى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتىرىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 2 ساقچى ئەمەلدارى ئۆلگەن، تەخمىنەن 20 ئادەم يارىلانغان.
ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، موسكىۋا ۋاقتى شۇ كۈنى كەچ 19:30 ئۆتكەندە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 14-فېۋرال كەچ 22:30 ئۆتكەندە)، بىر ئايال Gubden يېزىسىغا جايلاشقان ساقچى ئىدارىسىگە يېقىنلاشقان. ئۇ توساق ئاتلاپ ساقچى ئىدارىسىگە كىرمەكچى بولغاندا، قاراۋۇل ئەسكەر توسۇپ قالغان. بۇ ئايال بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنى پارتلاتقان، ئادەم ئۆلۈش يارىلىنىش كېلىپ چىققان، بۇ ئايالمۇ نەق مەيداندا ئۆلگەن.
ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش Gubden تەكشۈرۈش پونكىتىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىدا يۈز بەرگەن، بىر ساقچى ئۆلگەن، 17 ئادەم يارىلانغان.
بەزى روسىيە ئاخباراتلىرىدا دېيىلىشىچە، Gubden يېزىسى بىر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار ئاتامانىنىڭ يۇرتى ئىكەن. بۇ ئاتاماننى بۇلتۇر 8-ئايدا روسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئېتىۋەتكەن.
مەنبە: شىنخۇا تورى 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!