ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەخمەت نىجاد ئاباشنى ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنل

2011-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 

ئىران پىرېزىدېنتى ئەخمەت نىجاد تۈنۈگۈن پىرېزىدېنت بۇيرۇقى ئىمزالاپ، ئىراقتىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پەنلىرى پروفېسسورى ئاباشنى ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى. ئىلگىرى بۇ ئورۇنغا ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سالىھ قوشۇمچە مەسئۇل ئىدى.

 ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاباش ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمى قۇرغان ئىمام ھۈسەيىن ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئىكەن، ئۇ ئىراندىكى ئىزوتوپ ئايرىيالايدىغان ئاز ساندىكى يادرو فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!