ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى ئالتە ئايدىن كېيىن زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 13 – فېۋرال تېلېگراممىسى. مىسىر قوراللىق قىسىملىرى ئالىي كومىتېتى 13 – فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىشنى توختىتىدىغانلىقى ھەم پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئالتە ئايدىن كېيىن زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    باياناتتا: پارلامېنت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ھەربىي تەرەپ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتى تەشكىللەپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزىدۇ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلىدۇ، دېيىلدى. ھەربىي دائىرىلەر سايلام ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى بېكىتىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن يېڭى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    مىسىر كېڭەش يىغىنى ۋە خەلق پارلامېنتى (يەنى پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسى) 2010 – يىلى 6 – ئاي ۋە 11 – ئايدا نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزگەن، مۇبارەك رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي دېموكراتىيە پارتىيەسى ئىككى قېتىملىق سايلامدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغان، لېكىن ئۆكتىچىلەر سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلىندى، دەپ ئەيىبلىگەن. ھازىر خەلق پارلامېنتىدا مىللىي دېموكراتىيە پارتىيەسى %90 تىن كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلىگەن.

    مىسىر قوراللىق قىسىملىرى ئالىي كومىتېتى 12 – فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ھەربىيلەر ئۆتكۈزۈۋالغان ھاكىمىيەتنى خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكىچە بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ھەم سايلامدا يېڭى ھۆكۈمەت ۋۇجۇدقا كەلگەنگە قەدەر ھازىرقى ئىچكى كابىنېتنىڭ فۇنكسىيىسەنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. باياناتتا: مىسىر ئۆزى ئىمزالىغان بارلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىمگە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىدۇ، دېيىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!