ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كازافى پەلەستىن مۇساپىرلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن چېگرىسىغا مەسىلىنى ھەل ق

2011-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋىيە رەھبىرى كازافى 13-فېۋرال مۇنداق دېدى: پەلەستىن مۇساپىرلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قارشىلىق دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيە ئۇلارنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇرغۇچە، ئىسرائىلىيە چېگرا رايونىغا تىنچ يىغىلىشى كېرەك. كازافى تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ: بىز دۇنياغا بىر مەسىلە پەيدا قىلىپ بېرىشكە مۇھتاج، لېكىن بۇ ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ساداسىنى ياڭرىتىش، دېدى.

پەلەستىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇرتىدىن نائىلاج ئايرىلغان ئاشۇ مۇساپىرلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىش كېرەك دېيىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. لېكىن ئىسرائىلىيە ھەر قانداق پەلەستىن مۇساپىرى ئىسرائىلىيە چېگرىسىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك، دېدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!