ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

نىگېرىيەدىكى دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسىدە 11كىشى قازا قىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاگوس، 13 – فېۋرال تېلېگراممىسى. نىگېرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رىۋېرىس ئوبلاستلىق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى رىتا ئابې: 12 – فېۋرال ئوبلاست مەركىزى پورت خاكېتتا يۈز بەرگەن دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسىدە 11 كىشى قازا قىلدى، 29 كىشى يارىلاندى، دېدى.

    ئابې ئاگېنتلىقىمىز مۇخبىرىغا: ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى زۇڭتۇڭ جوناسوننى قوللاش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سايلام رىقابىتى يىغىلىشى پورت خاكېت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندە، نۇرغۇن كىشى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىشىۋالغان، بەزىلەر مەيدانغا كىرىشكە، بەزىلەر چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىغاچقا، دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، دېدى.

    ئۇ: ساقچىلار ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرى دەرھال كىشىلەر توپىنى تارقاقلاشتۇردى ھەم يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇپ، ۋەقەنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، دېدى.

    نىگېرىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جوناسون زۇڭتۇڭ ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر ئېچىنغان ھەم ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن.

    نىگېرىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى 9 – ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدۇ. جوناسون ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە 2 – ئاينىڭ باشلىرىدا جايلاردا سايلام رىقابىتىگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!