شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تۇنىس، 13 – فېۋرال تېلېگراممىسى. تۇنىس دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 13 – فېۋرال كەچتە ئېلان قىلغان باياناتتا: تۇنىس چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ تۇنىسنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېقىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى.
تۇنىس دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مارونىنىڭ 13 – فېۋرال تېلېۋىزىيە ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن سۆزىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان. مارونى: ئىتالىيە تۇنىسلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆپلەپ كىرىشى ۋە تۇنىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلمىسىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۇنىسلىق تېخىمۇ كۆپ قانۇنسىز كۆچمەننىڭ ئىتالىيەگە كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ‹‹تۇنىس دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىتالىيەنىڭ تۇنىسقا ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ››، دېگەن.
تۇنىس دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بۇ ھەقتە: تۇنىس ئىتالىيە بىلەن بولغان ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، تۇنىس ‹‹چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ تۇنىسنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېقىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ››، دېيىلگەن.
1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى بىن ئەلى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇنىسنىڭ بەزى نامراتلار رايونىدا كۆچمەنلەر دولقۇنى كۆرۈلۈپ، تۇنىسلىق كۆپلىگەن كۆچمەن دېڭىز ئارقىلىق ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىغا كىرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى بەش كۈندىلا 5000دىن كۆپرەك تۇنىسلىق چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى لامپېدۇسا ئارىلىغا كىرگەن.