ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىر ھەربىي تەرەپ ئىش تاشلاش ۋە جىمجىت ئولتۇرۇۋېلىپ ئېتراز بىلدۈرۈشنى

2011-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  مىسىر ھەربىي تەرەپ ئىش تاشلاش ۋە جىمجىت ئولتۇرۇۋېلىپ ئېتراز بىلدۈرۈشنى مىسىر ھەربىي تەرەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىش تاشلاش ۋە جىمجىت ئولتۇرۇۋېلىپ ئېتراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
شىنخۇا تورى 14-فېۋرال قاھىرەدىن بەرگەن خەۋىرى: مىسىر ھۆكۈمەت ئاخباراتى ئوتتۇرا شەرق ئاگنېتلىنىڭ 14-فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى مىسىردا مەملىكەتلىك ئېتراز بىلدۈرۈش ھەركىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە توپىلاڭ 32 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يەنە 1079 نەپەر ساقچى ۋە ئەسكەر يارىلانغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 99 ساقچى ئىدارىسى ۋە 6 تۈرمە توپىلاڭدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. خەۋەردە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىغا ئائىت سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
مىسىر قوراللىق قىسىم ئەڭ ئالىي كومىتىتى 14-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىدىن ئىش تاشلاش ۋە جىمجىت ئولتۇرۇۋېلىش قاتارلىق ئېتراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
14-فېۋرال چۈشتە، مىسىر ئارمىيىسى قاھىرە مەركىزىدىكى تەھرىر مەيدانىنى تازلاش ئۈچۈن ئېھتىيات سىزىقى بەلگىلىمەكچى بولغاندا، مەيداندىن كەتمىگەن نامايىشچىلار بىلەن سۈركىلىش پەيدا بولغان. نەچچە يۈز ساقچى مەيداندا ئېتراز بىلدۈرۈپ، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مىسىردىكى بىر قىسىم كەسپلەردە ئىش تاشلاش داۋاملىشىۋېتىپتۇ. مىسىر پاي بازىرى ئەسلىدە 16-فېۋرال ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكچى بولغان، نۆۋەتتە يەنە كېچىكتۈرۈلگەن.
شىنخۇا تورى 14-فۋرال پارىژدىن بەرگەن خەۋىرى: فرانسىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى 14-فېۋرال ئىسپاتلاپ، مىسىر ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى فرانسىيەگە تەلەپ قويۇپ، بىر قىسىم سابىق مىسىر ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما مىسىرنىڭ سابىق پىرىزدېنتى مۇبارەك ۋە ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئىلگىرى ئەگەر مىسىر ھۆكۈمىتى مۇبارەكنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلسا، فرانسىيەنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر تەرەپنىڭ تەلىپىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە 27 دۆلەت ئورتاق مەسلىھەتلىشىش ئاساسىدا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەمۇ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مىسىر ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش تەلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
جۇڭگو يەر شارى تورى خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى ئىستىپا بەرگەن مىسىر پىرىزدېنتى مۇبارەك گېرمانىيە ۋاقتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە Baden baden بازىرىدىكى دوختۇرخانىغا قاراپ يولغا چىققان. مۇبارەك نۆۋەتتە ھوشسىز ھالەتتە بولۇپ، سالامەتلىكى تۇراقسىز ئىكەن.
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئاخباراتلىرى مۇبارەكنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئايروپىلانغا چىقىپ گېرمانىيەگە داۋالانغىلى كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.
مەنبە: شىنخۇا تورى، يەر شارى تورى 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!